تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تەكلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئىيى پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تۈرك دۇنياسى ۋە چەت ئەلدىكى تۈركلەر مەسئۇلى، ئىيى پارتىيەسىنىڭ ئادانا پارلامېنت ئەزاسى دوكتور ئاييۈجە تۈركەش تاش خانىم 21-نويابىر تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خامچوت كومىتېتىدا قىلغان سۆزىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ۋە ھەمراھلىرىغا سالام بەرگەندىن كېيىن، سۆزىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىش بىلەن باشلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەرھۇم رەھبەرلىرىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالدى ۋە: «خىتاي تەرىپىدىن باستۇرۇلغان، شەرقىي تۈركىستاندا قانۇنسىز قولغا ئېلىنغان ئىلھام توختى قاتارلىق بارلىق زىيالىي، ئاكادېمىكلارغا ۋە خىتاي جازا لاگېرلىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا سالام يوللايمەن» دەپ باشلىدى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە: «تارىخىمىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈلتۈرىمىزنىڭ ئانا مەنبەسى بولغان شەرقىي تۈركىستان ئۇ تۇپراقلاردا ھايات ئۈچۈن مۇجادىلە قىلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ مەسىلىسى بولغىنىدەك، دۇنيا تۈركلىرىنىڭمۇ ئاچچىق، ئەمما ھەقىقىي مەسىلىسى» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان بارلىق جىنايەتلىرىنى بىرمۇ بىر ساناپ ئۆتتى ۋە بۇ مەسىلىگە تۈركىيە باشلىق پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەۋا قىلىۋاتقان ئەركىن دۇنيانىڭ ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئاييۇجە خانىم سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ۋە كومىتېت ئەزالىرىغا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى سۇندى:

1. شەرقىي تۈركىستاندىن ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا قۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىش.

2. تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ھېچ بولمىغاندا ئالاھىدە مۇھىم كۈنلەردە بولسىمۇ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن تىرىشىش.

3. خىتاي رېجىمىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۈركىيە پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات تەلەپ قىلىش، ھەتتا ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش.

ئۇ ئۇيغۇرلار ھەقىقىي قۇلاق سالىدىغان ۋە سۆزىگە ئېتىبار بىلەن قارايدىغان بىردىنبىر دۆلەتنىڭ تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز بۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا ئىرقداشلىرىمىزغا قول ئۇزىتىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن» دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 5685 قېتىم كۆرۈلدى
22/11/2023 15:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق