قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي جالالئاباد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۆزبېكىستان-قىرغىزىستان دوستلۇق مۇسابىقىسى»نىڭ چېلىشىش تۈرىدە قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئۆمەر مامۇتاخۇنوف ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

19-نويابىر قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي جالالئاباد شەھىرىدە قىرغىزىستان جۇجىستۇ چېلىشىش بىرلەشمىسى بىلەن ئۆزبېكىستان چېلىشىش كوماندىلىرى ئارىسىدا دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇسابىقىدە قىرغىزىستان جۇجىستۇ چېلىشىش بىرلەشمىسى كوماندىلار بويىچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. جۇجىستو كوماندىسىدىن مۇسابىقىگە چۈشكەن ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئۆمەر مامۇتاخۇنوف چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، ئالتۇن مۇكاپات ئالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5865 قېتىم كۆرۈلدى
22/11/2023 15:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق