جالالئاباد ۋىلايەتلىك خەلق ئانسامبىلىدا سايلام ئۆتكۈزۈلدى

21-نويابىر قىرغىزىستاننىڭ جالالئاباد ۋىلايەتلىك خەلق ئانسامبىلىدا تۆت يىلدا بىر كېلىدىغان رەئىس سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى.

سايلام قىرغىزىستاننىڭ جالالئاباد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، سايلامدا جالالئاباد ۋىلايەتلىك خەلق ئانسامبىلىنىڭ رەئىسلىكىگە يەنە سابىق رەئىس قانىبېك تىلەكېيوف ئەپەندى سايلانغان.

سايلامغا قىرغىزىستان جالالئاباد ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن ئىتتىپاقنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىسرائىلجان ئەپەندى ئىشتىراك قىلغان.  

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەبرىك سۆزى ئەۋەتىپ، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار، تەشكىلاتلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 7225 قېتىم كۆرۈلدى
22/11/2023 15:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق