راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئالتە ئاي مۆھلەت بېرىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەمدە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە تەنقىدىگە قارىماي، پاكىستان دائىرىلىرى قانۇنلۇق ھۆججىتى يوق چەتئەللىكلەرنى 1-نويابىردىن باشلاپ قولغا ئېلىش ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى. خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ پەرمان چىققاندىن كېيىن پاكىستاندىكى قانۇنسىز سانالغان كۆچمەنلەر تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ھەر تۈرلۈك قاتتىق مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغان. پاكىستاندىن مەجبۇرىي قوغلانغان نەچچە يۈز مىڭ ئافغانىستانلىق مۇساپىر بولسا، تۇيۇقسىز مەجبۇرلانغان بۇ كۆچ-كۆچتە چېگرادا قاپسىلىپ قالغان. چېگرالاردا 1-نويابىردىن باشلاپ داۋام قىلىۋاتقان بۇ مۇساپىرلارنىڭ ساقلىق، بىخەتەرلىك ۋە تۇرمۇش كىرىزىسى قىش كۈنلىرىنىڭ كېلىشى بىلەن تېخىمۇ ئېغىرلاشماقتىكەن.

پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلانغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، بىر قانچە ئۇيغۇرلارمۇ قولغا ئېلىنىپ، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنىدى. شۇنداقلا راۋالپىندىغا يەرلىشىپ قالغان، 100 لەرچە ئۇيغۇر، ئىجارە ئۆيلىرىدىن قوغلىنىشتەك ئاقىۋەتلەرگە قالغانىدى.

پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقفىنىڭ رەئىسى ئۆمەر ئەپەندىنىڭ 20-نويابىر ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتى خادىملىرىنىڭ يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە پاكىستان دائىرىلىرىگە بۇ ئۇيغۇرلارنى پاكىستاندىن خىتاي ياكى ئافغانىستانغا مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىشىنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە تاراتقۇلاردا قوزغالغان ئىنكاسلار نەتىجىسىدە، بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلار پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئافغانىستان پۇقراسى» دەپ تىزىملىنىپ، پاكىستاندا يەنە ئالتە ئاي قانۇنلۇق تۇرۇش رۇخسىتى بېرىلگەن.

ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا تارقاتقان «ئافغانىستان پۇقراسى، ئالتە ئايغىچە قانۇنلۇق تۇرۇشقا رۇخسەت» دېگەنلەر يېزىلغان كىنىشكا ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىنىڭمۇ كاپالىتى ئىكەن.

پاكىستان دائىرىلىرى قوغلاپ چىقارماقچى بولغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئافغانىستانلىقلار بولۇپ، 1 مىليون 700 مىڭ ئافغانىستانلىق تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

پاكىستانغا ئافغانىستان ئارقىلىق كېلىپ قالغان بۇ ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق باغلىنىشى قالمىغان ئافغانىستانغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇشتىن يەنىلا ئەندىشە قىلىدىغان بولۇپ، ئۆمەر ئەپەندى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن، پاكىستان دائىرىلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستانغا قايتۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياكى بىخەتەر ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە پاناھلىنىشىغا ياردەم بېرىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 8258 قېتىم كۆرۈلدى
22/11/2023 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق