ئۇيغۇر ياش تايلاندچە مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىدە يەنە بىر بەلباغنى قولغا كەلتۈردى

ئۇيغۇر ياش خالىد ئاتامان ئىران پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن تايلاندچە مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىدە ئىرانلىق رەقىبىنى ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭىپ، يەنە بىر بەلباغنى قولغا كەلتۈردى.

ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى، شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خالىد ئاتامان 20-نويابىر ئىران پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن تايلاندچە مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىدە 75 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئىرانلىق رەقىبىنى يېڭىپ، يەنە بىر بەلباغنى قولغا كەلتۈردى.

خالىد ئاتامان رەسمىي ھالدا خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئاتلانغان بولۇپ، تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىدە بەلباغنى قولغا كەلتۈردى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئۈچ مەيدانلىق بولۇپ، رەقىبىنى تېز ھۇجۇمى ۋە مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئىككىنچى مەيداندىلا يەڭگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خالىد ئاتامان كېلەر يىلى 24-ئاپرېل تۈركىيەنىڭ ئانتالىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان، يەتتە دۆلەتتىن كەلگەن ماھىرلار قاتنىشىدىغان مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىشنى باشلىغانلىقىنى، بۇ ساھەدە ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 8712 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2023 13:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق