ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتايغا سەپەر چەكلىمىسى قويۇشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ بەش كېڭەش پالاتا ئەزاسى پىرېزىدېنت جوۋ بايدېندىن خىتايدا شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سەپەرلەرنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدا نامەلۇم نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ بەش كېڭەش پالاتا ئەزاسى 2-دېكابىر پىرېزىدېنت بايدېنغا مەكتۇپ يېزىپ، ھۆكۈمەتتىن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سەپەر چەكلىمىسى قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر مەكتۇپقا كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ماركو رۇبىيو، كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوت ئەۋەتكەن بولۇپ، كېڭەش پالاتا ئەزاسى مايك بىراۋن ،تومى تۇبىرۋېل ۋە ج. د. ۋانس قاتارلىقلار ئىمزا قويغان.

ئۇلار مەكتۇپتا خىتاينىڭ خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكىنى كېسەللىك ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ئىگىلەشتىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتايدا نۆۋەتتە تارقىلىشقا باشلىغان تارقىلىشچان كېسەل ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولغانغا قەدەر، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەتنى دەرھال چەكلەش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.

ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، خىتاي سەھىيە خادىملىرى بىر قاتار نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى بايقىغان بولۇپ، خىتاينىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇن بالىلارنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ۋە مەزكۇر كېسەلگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 22-نويابىر خىتايدىن مەزكۇر كېسەللىك ۋە بالىلاردىكى ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ يۇقۇملىنىش، كۆپىيىشى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1942 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2023 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق