خىتايدىكى قەرز كىرىزىسىنىڭ كۈنسېرى كۈچەيگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا

خىتايدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان قەرز كىرىزىسى سەۋەبلىك، كىرېدىت باھالاش ئورگىنى مۇدى خىتاينىڭ مالىيە ئەھۋالىنى سەلبىي باھالىغان بولۇپ، بۇ خىتايغا يەنە بىر زەربە بولغان.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 5-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، قەرز كىرىزىسى خىتاينىڭ مالىيە ئەھۋالىغا بولغان پاسسىپ كۆز قاراشلارغا سەۋەب بولغان. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى سۈرئىتى تەدرىجىي ئاستىلاش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ غايەت زور ئۆي-مۈلۈك كەسپى چېكىنىشكە باشلىغان. خىتاي رېجىمىنىڭ قەرزگە بوغۇلغان يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى ۋە يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنى قۇتقۇزۇشقا ئايرىغان يوشۇرۇن خىراجىتى خەلقئارالىق باھالاش ئورگانلىرىنىڭ ئەندىشە تۇغدۇرغان.

خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىق دەرىجىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، يەرلىك ھۆكۈمەت خامچوتى ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى كاساتچىلىقتىن كېلىپ چىققان كىرىمنىڭ زىيىنىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي يۈكسىلىش سۈرئىتىنىڭ بارغانچە ئاستىلىغانلىقىنى خىتاينىڭ ئۆز مەنبەلىرى ئاشكارىلاۋاتقان بولۇپ، خىتاي رېجىمى ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇشقا تىرىشماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1265 قېتىم كۆرۈلدى
06/12/2023 11:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق