قازاقىستان ساقچىلىرى نامايىشچىلارنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېقىنلىشىشىنى توستى

بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ كەلگەن بەش قازاق نامايىشچى ئالمۇتىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېقىنلاشماقچى بولغاندا، قازاقىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان.

ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 4-دېكابىر ئەر-ئايالدىن تەشكىل تاپقان بەش قازاق نامايىشچى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئالمۇتىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان. ئەمما قازاقىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان.

ياۋروپا رادىيوسىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقىنىغا دەل مىڭ كۈن بولغانىكەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغقانلىرى بولسا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش ياكى توردىكى گەپ-سۆزلىرى سەۋەبلىك جازا لاگېرىغا قامالغانىكەن.

قازاقىستان دۇنيا بويىچە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئىككىنچى دۆلەت بولسىمۇ، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا ئۇيغۇرلاردىن سىرت، زور تۈركۈمدە قازاق خەلقى قامالغان بولسىمۇ، قازاقىستان ھۆكۈمىتى دۆلەت تەۋەلىكىدە خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 8360 قېتىم كۆرۈلدى
06/12/2023 12:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق