ئەنگلىيە ئارمىيەسى ئىشلىتىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەسىنىڭ مەجبۇرى ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

BBC ئەنگىلىيە ئارمىيىسى ئىشلەتكەن قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيەنىڭ خىتايدا «مەجبۇرىي ئەمگەك» نەتىجىسىدە ئېرىشكەن ماتېرىياللارنى ئىشلەتكەن شىركەتلەر تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەر تەرەپتىن تىلغا ئېلىنىۋاتقان بولۇپ، BBC ئۇچۇر ئەركىنلىكى قانۇنىغا ئاساسەن ئۇچۇر تەلەپ قىلغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئارمىيەگە قۇياش ئېنېرگىيىسى باتارېيەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەرنىڭ JA Solar ، Trina ۋە Qcells ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 7-ئايدا ئەنگىلىيە شېفىلد خاللام ئۇنىۋېرسىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇ ئۈچ شىركەتنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئېرىشكەن خام ئەشيانى ئىشلەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

JA Solar ۋە Qcells  BBC گە بەرگەن باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە رول ئوينىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللانغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، تىرىنا جاۋاب بەرمىگەن.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتىدا ئارمىيەنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ قەرەللىك تەكشۈرۈلۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق تەرتىپلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلغان.

شېفىلد خاللام ئۇنۋېرسىتىتى دوكلاتىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى ئالان كراۋفورد ئۆزىنىڭ BBC ئېرىشكەن شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە دوكلاتتىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ يەنىلا كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تەمىنلەش تورىدىكى تەجرىبىسى بار خىمىيىلىك ئىنژېنېر كراۋفورد چوڭ شىركەتلەرنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك» ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى قەستەن سېتىۋېلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى.

ئەمما ئۇ يەنە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ «ئاشكارىلىقنىڭ كەمچىللىكى» بەزى شىركەتلەرنىڭ «قۇللۇققا قارشى تۇرۇش» باياناتىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى قوشۇپ قويدى.

ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى ئالىكيا كېرنس ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق قۇياش ئېنېرگىيىسى شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىرغانىدى ۋە باش ۋەزىر رىشى سۇناكنى ئەنگىلىيەنىڭ خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيىسى ئىشلەپچىقىرىشىغا تايىنىپ قالغانلىقى ھەققىدە تەنقىد قىلغان ۋە تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغانىدى.

2021-يىلى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى قانۇنىنى يولغا قويغانىدى ۋە بۇ قانۇنغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتايدىن ئامېرىكىغا مال ئىمپورت قىلىدىغان شىركەتلەر چوقۇم ئىشلەپچىقىرىشتا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك ئىدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسىنىڭ ئاساسلىق ماتېرىياللىرىنىڭ بىرى بولغان پولىسسىكون مەجبۇرىي ئەمگەك نەتىجىسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ماددىلارنىڭ بىرى ئىكەن.

قۇياش ئېنېرگىيىسى بازىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان خىتاي دۇنيادىكى قۇياش ئېنېرگىيىسى باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1264 قېتىم كۆرۈلدى
06/12/2023 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق