ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىن رەسمىي چېكىندى

ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىدىن رەسمىي چېكىنگەن بولۇپ، بۇ قارارىنى خىتايغا يەتكۈزگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىتالىيە 6-دېكابىر خىتايغا رەسمىي ئۇقتۇرۇپ، ئىتالىيەنىڭ خىتاي يولغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىن چېكىنىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقى ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى مەنبەلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى بۇ قارار سەۋەبلىك بېيجىڭنىڭ ئىتالىيەدىن ئىقتىسادىي ئۆچ ئېلىشى ئېھتىماللىقىنىمۇ ئويلىشىپ بولغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىتالىيە 2019-يىلى ئامېرىكىنىڭ چەكلىشىگە قۇلاق سالماي، خىتاي باشلىغان ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بىردىنبىر غەرب دۆلىتى بولۇپ قالغانىدى.

ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونى  ئۆتكەن يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۈردىن چېكىنىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرىنىڭ ئىتالىيەگە كۆرۈنەرلىك پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

مېلونى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئالدىنقى ھۆكۈمەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا قاتنىشىش قارارىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاجانىمۇ يېقىندا ئىتالىيەنىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا قاتناشقاندىن كېيىن مۆلچەردىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى كۆرسەتكەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىتالىيەنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا قاتنىشىش كېلىشىمى 2024-يىلى 3-ئايدا توشىدىكەن. ئىتالىيە ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتايغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئىتالىيەنىڭ توختامنى ئۇزارتماسلىق ھەققىدىكى قارارىنى ئۇقتۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1260 قېتىم كۆرۈلدى
07/12/2023 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق