دوكلات: يەرشارى يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە قاتتىق ئىسسىپ كەتتى

دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان مەزگىلنىڭ خاتىرىلەنگەن ئەڭ ئىسسىق ئون يىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ب ت ت ئورگان تورى 5-دېكابىر دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتىنىڭ دۇنيانىڭ ئىسسىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى «2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان يەر شارى كىلىماتى: كىلىمات ئۆزگىرىشى تېزلەشكەن ئون يىل» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، 2011-يىلىدىن 2020-يىلغىچە بولغان مەزگىلنىڭ خاتىرىلەنگەن ئەڭ ئىسسىق ئون يىل بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان كىلىمات ئۆزگىرىش سۈرئىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، بۇ رېكورت يارىتىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق ئون يىل بولغان. بۇ ئون يىلدا پارنىك گازىنىڭ قويۇقلۇقى داۋاملىق ئېشىپ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز-ئوكيان تېمپېراتۇرىسىنىڭ يېڭى رېكورت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشى ۋە دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلىشىنى تېزلەتكەن. 2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە جەنۇبىي قۇتۇپ مۇز قاتلىمىنىڭ زىيانغا ئۇچراش مىقدارى 2001-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە %75 كە يېقىن ئاشقان. ئەگەر بۇ يۈزلىنىش داۋاملىشىۋەرسە، دېڭىز بويىدىكى ئويمان دۆلەت ۋە رايونلارغا تېخىمۇ خەۋپ يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان، ھەر ئون يىل ئالدىنقى ئون يىلدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئىسسىق بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يۈزلىنىشتە ئۆزگىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن. دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى پېتر تالاس شۇ كۈنى ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا: «ئىنسانلارنىڭ پائالىيەتلىرىدە قويۇپ بېرىلگەن پارنىك گازى كىلىمات ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب. بىز چوقۇم پارنىك گازىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىشنى يەر شارىنى قوغداشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ كونترولسىز قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك» دېگەن.

دوكلاتتا يەنە 2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە ئاممىۋى ۋە خۇسۇسىي كىلىمات مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنىڭ ئاساسەن بىر قاتلانغانلىقى، لېكىن بۇنىڭ ھەرگىز كۇپايە قىلمايدىغانلىقى، «پارىژ كېلىشىمى» دە بېكىتىلگەن تېمپېراتۇرا ئۆرلەش دەرىجىسىنى كونترول قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ كەسكىن كىلىمات ھەرىكىتى قوللىنىشقا توغرا كېلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1454 قېتىم كۆرۈلدى
07/12/2023 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق