خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى بىر دېموكراتىيە تەشەببۇسچىسىغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى خوڭكوڭلۇق جوۋ تىڭ ئىسىملىك دېموكراتىيە تەشەببۇسچىسىغا جىددىي قوغلاپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوڭكوڭنىڭ ئاتالمىش «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇن لايىھەسى»گە خىلاپلىق قىلغانلىقى باھانىسى بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، كېپىلگە قويۇپ بېرىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈتۈپ تۇرغان خوڭكوڭلۇق دېموكراتىيە تەشەببۇسچىسى جوۋ تىڭ يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئوقۇۋاتقانلىقىنى، ئەسلىدە 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا خوڭكوڭغا قايتىپ خوڭكوڭ ساقچىلىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى، لېكىن نۆۋەتتە قايتىپ بارماسلىقىنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

جوۋ تىڭنىڭ بايانىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت 4-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، چەت ئەل ياكى چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ساقچى ئىشلىرى باشقارمىسى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان جوۋ تىڭنىڭ ئاشكارا ھالدا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا كېپىلگە قويۇپ بېرىشتىن ۋاز كېچىپ قېچىپ كەتكەنلىكى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانۇن بويىچە قوغلاپ تۇتىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئىنتايىن ئېغىر جىنايەت، پۈتۈن كۈچ بىلەن زەربە بېرىپ ئاخىرغىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ھەرقانداق قاچقۇن خوڭكوڭدىن قېچىپ كەتسىلا جاۋابكارلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرالايدۇ، دەپ خام خىيال قىلماسلىق كېرەك» دەپ جار سالغان.

خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرىي لى جياچاۋ 5-دېكابىر: «جوۋ تىڭ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن خوڭكوڭ ساقچىلىرى چوقۇم پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغلاپ تۇتىدۇ. ھەرقانداق قاچقۇن ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك، بولمىسا ئۆمۈرلۈك قاچقۇن بولىدۇ، ئۆمۈر بويى قوغلاپ تۇتۇلىدۇ» دەپ تەھدىت سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1574 قېتىم كۆرۈلدى
07/12/2023 15:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق