ئىستانبۇلدا تۈركىي ۋە مۇسۇلمان تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولدى

ئىستانبۇل ۋالىيسى داۋۇت گۈل 6-دېكابىر ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈركىي مىللەتلەر ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى خەلقلەرگە ۋەكىللىق قىلىدىغان تەشكىلات باشلىقلىرى بىلەن مۇزاكىرە يىغىنى ئاچتى.

يىغىنغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈركىي ۋە ئىسلامىي ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى تەكلىپ قىلىندى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى. 

يىغىندا نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋە تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئىككى ۋەكىل ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2786 قېتىم كۆرۈلدى
07/12/2023 15:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق