شى جىنپىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى توقۇنۇشماسلىققا چاقىردى

خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى مۇھىم ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمراھىغا ئايلاندۇرۇپ، سۈنئىي ئىدراك قاتارلىق پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ تۆت يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىگە خىتاي بىلەن ياۋروپانىڭ ئوخشىمىغان سىياسىي تۈزۈلمىلىرى سەۋەبىدىن بىر-بىرىنى رەقىب دەپ قارىماسلىقى ياكى توقۇنۇشۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

سودا تەڭپۇڭسىزلىقىدىن ئۇكرائىناغىچە بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا، شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى مۇھىم ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمراھىغا ئايلاندۇرۇشنى ۋە سۈنئىي ئىدراك قاتارلىق پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

خىتاينىڭ رەسمىي قانىلى بولغان CCTV نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شى جىنپىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى بارلىق ئارىلىشىشلارنى تۈگىتىشكە چاقىرغان.

ئىككى تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ باش ئەلچىلىرىگە ياۋروپانىڭ «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى»دىن ئۆتۈپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى تاللىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

ياۋروپالىق بىر ئەمەلدار ھەپتە بېشىدا بىريۇسسېلدا مۇخبىرلارغا باشلىقلار يىغىنىدا تىلغا ئالغۇدەك ھېچقانداق نەتىجە يوقلىقىنى ۋە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ خىتاي ۋىرۇسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلغاندىن بۇيان بېيجىڭنى زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مۇناسىۋەتتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردە ئىنتايىن ئاز ئىلگىرىلەش بولغان. يېقىندا بورېلنىڭ شەخسىي كاتىپى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى ئېنرىك مورا نويابىردا خىتايدا زىيارەتتە بولغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە خىتاي بىلەن بولغان 400 مىليارد ياۋروغا يېقىن سودا قىزىل رەقىمىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كارخانىلىرىغا بولغان چەكلىمىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1489 قېتىم كۆرۈلدى
07/12/2023 15:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق