تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيادىكى ئۈچ تەشكىلاتنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى

مالايشىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن بىرلىك باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى بۈگۈن مالايشىيا پايتەختى كۇئالالامپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن مالايشىيا ئاكادېمىيەسى مەرىپەت تەشكىلاتى (WADAH)، مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى (ABIM)، مالايشىيا مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار مەملىكەتلىك جەمئىيىتى (PKPIM) قاتارلىق ئۈچ تەشكىلاتنىڭ 7-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى.

مەزكۇر ئۈچ چوڭ تەشكىلات مالايشىيادا زور تەسىرگە ئىگە تەشكىلاتلار بولۇپ، مۇراسىمغا مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، دىنىي ئىشلار مىنىستىرى، مالايشىيا سىياسىيونلىرى، چەت ئەل دىپلوماتلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3272 قېتىم كۆرۈلدى
09/12/2023 12:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق