تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

مالايشىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى 10-دېكابىر مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە بىرلىك باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى 10-دېكابىر مالايشىيا پايتەختى كۇئالالامپۇردا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زامبىرى ئابدۇلقادىر بىلەن كۆرۈشتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى ھەمدە مالايشىيا ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە كۈتۈلۈۋاتقان تەلەپ يېزىلغان بىر پارچە مەكتۇپ سۇندى.

ھەيئەت شۇ كۈنى يەنە مالايشىيا دىنىي ئىشلار مىنىستىرى ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى داتو سېتىيا دوكتور ھاجى موھد نايىم مۇختار بىلەنمۇ كۆرۈشتى ۋە خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەققىدە سۆھبەتتە بولدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2800 قېتىم كۆرۈلدى
11/12/2023 16:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق