يەمەن قوراللىق قىسىمى ئىسرائىلىيەگە كېتىۋاتقان نېفىت پاراخوتىغا زەربە بەردى

يەمەن ھۇسى قوراللىقلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىغا جاۋابەن چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئىسرائىلىيەگە كېتىۋاتقان نېفىت پاراخوتىغا زەربە بەرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 12-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ھۇسى قوراللىق كۈچلىرى كونتروللۇقىدىكى يەمەندىن قويۇپ بېرىلگەن چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا دېڭىزدا كېتىۋاتقان نېفىت پاراخوتىغا زەربە بەرگەن بولۇپ، پاراخوتقا ئوت كەتكەن، ئەمما ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى بولمىغان. ھۇجۇم ۋەقەسى باربار ماندېب بوغۇزىنىڭ شىمالىدىن تەخمىنەن 60 دېڭىز مىلى يىراقلىقتا يۈز بەرگەن. رايوندىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتى «USS Mason» جىددىي قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھۇسى قوراللىق كۈچلىرى غەززە خەلقى تەرەپتە تۇرۇپ توقۇنۇشقا كىرگەن بولۇپ، مۇھىم توشۇش لىنىيەسىدىكى ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلغان. شەنبە كۈنى ھۇسى قوراللىق كۈچلىرى دۆلەت تەۋەلىكىگە قارىماي ئىسرائىلىيەگە بارىدىغان بارلىق پاراخوتلارنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە خەلقئارا تىرانسپورت شىركەتلىرىنى ئىسرائىلىيە پورتى بىلەن ئالاقە قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان.

ھۇسى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باياناتچىسى ئۆزلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ پەلەستىن خەلقىنى قوللىغانلىقى سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇمىنى توختاتمىغۇچە داۋاملىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئىران بىلەن ئىتتىپاقلاشقان ھۇسىيلار ئىسرائىلىيە غەززەگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، پات-پات ئىسرائىلىيە نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 15435 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2023 15:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق