تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى رەئىسىگە تون كىيگۈزدى

مالايشىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى 12-دېكابىر مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى (ABIM) نىڭ يېڭى سايلانغان رەئىسى ئەھمەد فەھمى ئەپەندىگە تون ۋە ئۇيغۇر دوپپىسى كىيگۈزدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە بىرلىك باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى 12-دېكابىر مالايشىيا پايتەختى كۇئالالامپۇردا مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى (ABIM) نىڭ يېڭى سايلانغان رەئىسى ئەھمەد فەھمى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇنىڭ مالايشىيادا تەرەققىي قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، تون ۋە ئۇيغۇر دوپپىسى كىيدۈردى ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلەت گىرىبى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلدى.

ئەھمەد فەھمى ئەپەندى مالايشىيادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە «ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى»نىڭ مۇۋەققەت مەسلىھەتچىسى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىزچىل ھەمكارلاشماقتا.

ھەيئەت 13-دېكابىر كۇئالالالۇمپۇردا مالايشىيادىكى ئىجتىمائىي تەشكىلات ئاكسىن مالايشىيا ۋە ئىكرام پۇتراجايا نىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان سۆھبەت يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.

سۆھبەت يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە بولغان ۋەزىيىتىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى ھەمدە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ كەلگۈسى نىشانى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.

 تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2858 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2023 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق