پاكىستان ئافغانىستاندىن 23 ئەسكەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

پاكىستان ئافغانىستاندىن پاكىستاننىڭ 23 ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمنىڭ تەپسىلاتىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 13-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى ھۆكۈمىتىدىن ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلىپ، 23 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان ھۇجۇم ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ھۇجۇم 8-فېۋرال پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سايلامدىن ئىلگىرى قورقۇنچ پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇ ھۇجۇمغا ئافغانىستاندىكى بىر قوراللىق تەشكىلات مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە ئافغانىستان ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، جىنايەتچىلەرگە قارىتا تولۇق تەكشۈرۈپ ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسلامئاباد ئالتە كىشىلىك ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇم ئەترىتىگە ئافغانىستان پۇقراسىنىڭ رەھبەرلىك قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئىسپاتلارنى تەكشۈرمەكتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈچەيگەن بولۇپ، پاكىستان قوشنىسى ئافغانىستاننى قوراللىق گۇرۇپپىلارنى قانات ئاستىغا ئالدى، دەپ ئەيىبلىمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 17421 قېتىم كۆرۈلدى
14/12/2023 13:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق