دوكتور مەغپىرەت كامال ئۆز خەلقىگە ئەجىر سىڭدۈرگەن ئاياللار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى رەئىسى، ئىستانبۇل بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال يۇنۇسئوغلى خانىم تۈرك دۇنياسىدا ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن ئاياللار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 13-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ﺋوﻣﺎﻱ ﺋﺎﻧﺎ ﺗۈﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎسى ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﯜﺭكىي خەلقلەر ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯ خەلقىگە ئىزچىل ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ۋە ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮلغان ۋەكىل ﺧﺎﺭﺍكتېرلىك ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﯞﻩ تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، باھالاش ئارقىلىق ﺋﯘيغۇرﻻﺭﺩﯨﻦ دوكتور مەغپىرەت كامال يۇنۇسئوغلى خانىمنى مۇكاپاتلاش قارار قىلغان.

دوكتور مەغپىرەت كامالنىڭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ قىلغان خىزمەتلىرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ چىققانلىقى، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدىكى ئىش-ئىزلىرى ﺳﻪﯞەبلىك، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻨﻰ ئېلىشقا لايىق كۆرۈلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 21-دېكابىر تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت ئالتىدە ئىستانبۇل ئالتۇنزادە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 17723 قېتىم كۆرۈلدى
15/12/2023 15:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق