تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيا باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

مالايشىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە بىرلىك باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى 14-دېكابىر مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇنىڭغا مالايشىيا ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە كۈتۈلۈۋاتقان تەلەپ يېزىلغان بىر پارچە مەكتۇپ سۇندى.

ھەيئەت يەنە 13-دېكابىر مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى داتو ئەھمەد ئەززەم رەھمان بىلەن كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇردى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى مالايشىيا ۋە ئىسلام دۇنياسىدا تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3085 قېتىم كۆرۈلدى
15/12/2023 15:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق