پىروفېسسور ئەركىن ئەمەت «تۈركىي خەلق كۈلتۈرىگە خىزمەت قىلىش مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل، تارىخ ۋە جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور، دوكتور ئەركىن ئەمەت تۈركىيە خەلق كۈلتۈرى تەتقىقات ئورگىنى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «تۈركىي خەلق كۈلتۈرىگە خىزمەت قىلىش مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. 

16-دېكابىر تۈرك تارىخ ئورگىنىدا 40-نۆۋەتلىك «تۈركىي خەلق كۈلتۈرىگە خىزمەت قىلىش مۇكاپاتى»نىڭ تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمدا پىروفېسسور، دوكتور ئەركىن ئەمەت قاتارلىق توققۇز تۆھپىكار شەخسكە مۇكاپات تەقدىم قىلىنغان. 

پىروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەت بۇ مۇكاپاتنى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىدە خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن مۇئەللىمى پىروفېسسور ئابدۇكېرەم راھمانغا ئاتاپ قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە فولكلور تەتقىقاتچىسى پىروفېسسور ئابدۇكېرىم راھماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنى ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىك»، «مىللىي ئۆچمەنلىك» قاتارلىق تۆھمەتلەر بىلەن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 80 ياشلىق فولكلور تەتقىقاتچىسى پىروفېسسور ئابدۇكېرىم راھمان تۈرمىدىكى ناچار شارائىت، تەن جازاسى سەۋەبلىك ئالەمدىن ئۆتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 17033 قېتىم كۆرۈلدى
19/12/2023 16:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق