تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت 19-دېكابىر ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇپ، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ھاكىميەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى زەفەر سىراكايا بىلەن كۆرۈشتى.

رەئىس ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لوقمانجان ھىرا، بىرلىكنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىدىن ئادىل مۇھەممەدئوغلى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھەيئەت ئالدى بىلەن زەفەر سىراكايا ئەپەندىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

بۇ قېتىملىق زىيارەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئىلتىماسلىرىنىڭ توختاپ قېلىشى، ئاستىلاپ قېلىشى، رەت قىلىنىشى، كود بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنىڭ تەلتۆكۈس ھەل بولۇشى قاتارلىق قىيىنچىلىقلار ۋە تەلەپلەر دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورگىنىغا يەتكۈزۈلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3938 قېتىم كۆرۈلدى
20/12/2023 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق