تۈركىيەدە بارلىق جامەلەردە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن دۇئا قىلىش يولغا قويۇلدى

تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسى تۈركىيەدىكى 81 ۋىلايەتتىكى بارلىق مۇپتىلىقلارغا يوليورۇق چۈشۈرۈپ، جۈمە كۈنلىرى بارلىق جامە ۋە مەسچىتلەردە ئىككىنچى خۇتبىدىن كېيىن قىلىنىدىغان تۈركچە دۇئانىڭ تۆۋەندىكىدەك قىلىنىشىنى ۋە بۇنىڭ ئىككىنچى بىر بۇيرۇق كەلگۈچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:

«ئى ئاللاھىم! ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلغىن. دۆلىتىمىزنى ۋە خەلقىمىزنى تۈرلۈك خەتەردىن قوغدىغىن. بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ۋە گۈزەللىك ئاتا قىلغىن. بىزنى، ئاتا-ئانىمىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى مەغپىرەت قىلغىن. قۇددۇس، غەززە ۋە شەرقىي تۈركىستان باشتا بولۇش بىلەن بىرگە، دۇنيادىكى پۈتۈن مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلغىن. ئۇلارغا غەلىبە ئاتا قىلغىن. شۈبھىسىزكى، سەن دۇئالىرىمىزنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە قوبۇل قىلغۇچىسەن».

بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيەدە بۇ بۇيرۇقتىن بۇرۇنمۇ ھەرخىل سورۇنلاردا، جامەلەردە مەزلۇم مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان دۇئالاردا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇملىرى تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىم دۆلەتنىڭ رەسمىي يوليورۇقى بىلەن پۈتۈن تۈركىيەدىكى 90 مىڭغا يېقىن جامەدە بىرلا ۋاقىتتا ھەرجۈمە كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئېنىق تىلغا ئېلىنىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىنىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكى، ھەر ھەپتىدە مىليونلىغان كىشىگە بىرلا ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئەسلىتىدىغانلىقى نۇقتىسىدىن تەسىرىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدىغانلىقى، خىتاي رېجىمىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرغان بۇ دادىل مەيدانىدىن قاتتىق بىئارام بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 16856 قېتىم كۆرۈلدى
22/12/2023 14:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق