
تۈركىيەدىكى ئەڭ ياخشى 20 ئۇنىۋېرسىتېت
19-دېكابىر تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى 2024-2023-يىلى دۇنيادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى ئاكادېمىك سەۋىيەدە تەكشۈرۈپ ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى رەت تەرتىپى بويىچە ئېلان قىلىدىغان URAP نىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىلغان، دۇنيادا ئۇنىۋېرسىتېت ئۆلچىمىگە توشىدىغان 3000 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تىزىملىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار رەت تەرتىپى بويىچە ئېلان قىلىنغان. بۇ تىزىملىككە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ ياخشى 100 ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىغا تۈركىيەنىڭ ھېچقانداق ئۇنىۋېرسىتېتى كىرەلمىگەن. ھەتتا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 500 ئۇنىۋېرسىتېت تىزىملىكىگىمۇ تۈركىيەدىكى 200 گە يېقىن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ھېچقايسىسى كىرەلمىگەن.
دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار تىزىملىكىدىكى 500-ئورۇندىن 1000-ئورۇنغىچە بولغان قاتارغا تۈركىيەنىڭ توققۇز ئۇنىۋېرسىتېتى كىرەلىگەن. 1001-ئورۇندىن 1500-ئورۇنغىچە بولغان قاتارغا 20 ئۇنىۋېرسىتېتى كىرەلىگەن.
خەلقئارادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تەكشۈرۈپ، ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار بويىچە ئېنىقلاپ رەت تەرتىپىگە تۇرغۇزىدىغان URAP نىڭ تۈركىيە ۋەكىلى پىروفېسسور دوكتور ئۇرال ئاقبۇلۇت بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تەكشۈرۈپ رەتكە تۇرغۇزىدىغان URAP دەسلەپ 2000 ئۇنىۋېرسىتېتنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېلان قىلدى. بۇ تىزىملىككە قىزىقىدىغانلار كۆپ بولغاچقا، 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىۋېرسىتېتلار سانىنى 2500 گە چىقاردى. 2020-يىلىدىن بۇيان 3000 ئۇنىۋېرسىتېتنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرى 2003-يىلىدىن باشلاپ خەلقئارانىڭ ئۆلچىمىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار قاتارىغا كىرىشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمىزنىڭ سۈپەت ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز. ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمىزنىڭ دەرىجىسىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىيەلمەسلىكى، ھەتتا يېقىنقى يىللاردا چېكىنىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى بولسا، خەلقئارالىق چوڭ توققۇز تۈرلۈك ئۆلچەمدىن باشقا، خەلقئارادىكى تەسىرى كۈچلۈك ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىدىغان Q1, Q2, Q3 يۇقىرى سەۋىيەدىكى ماقالىلەر سانىنىڭ داۋاملىق ئاز بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەسىرى ئەڭ تۆۋەن ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىدىغان Q4 نومۇرلۇق سەۋىيەسى تۆۋەن ماقالىلەرنىڭ داۋاملىق ئازلىمىغانلىقى سەۋەب بولماقتا» دەيدۇ. پىروفېسسور دوكتور ئۇرال ئاقبۇلۇت يەنە: «رىقابەت كەسكىن بولۇۋاتقان ھازىرقى دۇنيادا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمىز ئەستايىدىللىق بىلەن ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، ئۇزۇن ۋاقىت سىستېمىلىق خىزمەت ئىشلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى لازىم» دەيدۇ.
تۈركىيەدىكى ئەڭ ياخشى 20 ئۇنىۋېرسىتېت رەت تەرتىپى بويىچە تۆۋەندىكىچە:
1. ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى Hacettepe Üniversitesi
ئەنقەرەدە بولۇپ، 1967-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى قۇرۇلغان.
ئوقۇغۇچى سانى: 52740 (2021-يىلى)
دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار رەت تەرتىپىدە 554-ئورۇندا تۇرىدۇ.
2. ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى İstanbul Teknik Üniversitesi
ئىستانبۇلدا بولۇپ، 1773-يىلى قۇرۇلغان.
ئوقۇغۇچى سانى: 38198 (2015-يىلى)
دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار رەت تەرتىپىدە 783-ئورۇندا تۇرىدۇ.
3. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى İstanbul Üniversitesi
ئىستانبۇلدا بولۇپ، 1453-يىلى قۇرۇلغان.
ئوقۇغۇچى سانى: 88500 (2013-يىلى)
دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار رەت تەرتىپىدە 799-ئورۇندا تۇرىدۇ.
4. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى Ankara Üniversitesi
ئەنقەرەدە بولۇپ، 1946-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى قۇرۇلغان.
ئوقۇغۇچى سانى: 67034 (2022-يىلى)
دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار رەت تەرتىپىدە 800-ئورۇندا تۇرىدۇ.
5. ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى Orta Doğu Teknik Üniversitesi
ئەنقەرەدە بولۇپ، 1956-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلغان.
ئوقۇغۇچى سانى: 26451 (2021-يىلى)
دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار رەت تەرتىپىدە 868-ئورۇندا تۇرىدۇ.
6. كوچ ئۇنىۋېرسىتېتى Koç Üniversitesi
ئىستانبۇلدا بولۇپ، 1993-يىلى قۇرۇلغان.
ئوقۇغۇچى سانى: 7947 (2019-يىلى)
دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار رەت تەرتىپىدە 920-ئورۇندا تۇرىدۇ.
7. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى - جەرراھپاشا İstanbul Üniversitesi – Cerrahpaşa
ئىستانبۇلدا بولۇپ، 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى قۇرۇلغان.
ئوقۇغۇچى سانى: 39337
دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار رەت تەرتىپىدە 990-ئورۇندا تۇرىدۇ.
8. غازى ئۇنىۋېرسىتېتى Gazi Üniversitesi
ئەنقەرەدە بولۇپ، 1926-يىلى قۇرۇلغان.
ئوقۇغۇچى سانى: 35000 گە يېقىن
دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار رەت تەرتىپىدە 995-ئورۇندا تۇرىدۇ.
9. ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى Ege Üniversitesi
ئىزمىر شەھىرىدە بولۇپ، 1955-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇرۇلغان.
ئوقۇغۇچى سانى: 58512 (2022-يىلى)
دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار رەت تەرتىپىدە 998-ئورۇندا تۇرىدۇ.
10. سابانچى ئۇنىۋېرسىتېتى Sabancı Üniversitesi
ئىستانبۇلدا بولۇپ، 1994-يىلى قۇرۇلغان.
ئوقۇغۇچى سانى: 5263
11. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى İhsan Doğramacı Bilkent Üniversitesi
ئەنقەرەدە بولۇپ، 1984-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇرۇلغان.
ئوقۇغۇچى سانى: 13116 (2015-يىلى)
12. گەبزە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى Gebze Teknik Üniversitesi
گەبزە شەھىرىدە بولۇپ، 1992-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى قۇرۇلغان.
ئوقۇغۇچى سانى: 2983
13. مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى Marmara Üniversitesi
ئىستانبۇلدا بولۇپ، 1883-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى قۇرۇلغان.
ئوقۇغۇچى سانى: 77823 (2015-يىلى)
14. يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى Yıldız Teknik Üniversitesi
ئىستانبۇلدا بولۇپ، 1911-يىلى قۇرۇلغان.
ئوقۇغۇچى سانى: 35029 (2015-يىلى)
15. ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى Erciyes Üniversitesi
قەيسەرىدە بولۇپ، 1978-يىلى قۇرۇلغان.
ئوقۇغۇچى سانى: 49721 (2022-يىلى)
16. ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى Atatürk Üniversitesi
ئەرزۇرۇمدا بولۇپ، 1957-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى قۇرۇلغان.
ئوقۇغۇچى سانى: 58122 (2016-يىلى)
17. بوغاز ئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى Boğaziçi Üniversitesi
ئىستانبۇلدا بولۇپ، 1863-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى قۇرۇلغان.
ئوقۇغۇچى سانى: 16497 (2023-2022)
18. توققۇز ئەيلۈل ئۇنىۋېرسىتېتى Dokuz Eylül Üniversitesi
ئىزمىردا بولۇپ، 1982-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇرۇلغان.
ئوقۇغۇچى سانى: 57850
19. فىرات ئۇنىۋېرسىتېتى Fırat Üniversitesi
ئېلازىغ شەھىرىدە بولۇپ، 1975-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى قۇرۇلغان.
ئوقۇغۇچى سانى: 45665
20. چۇقۇرئوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى Çukurova Üniversitesi
ئادانا شەھىرىدە بولۇپ، 1972-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى قۇرۇلغان.
ئوقۇغۇچى سانى: 54737 (2020-يىلى)
21. ئىزمىر تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى İzmir Yüksek Teknoloji Enstitüsü
22. قارادېڭىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى Karadeniz Teknik Üniversitesi
23. سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى Selçuk Üniversitesi
24. ئاقدېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتى Akdeniz Üniversitesi
25. ئاجىبادەم مەھمەت ئەلى ئايدىڭلار ئۇنىۋېرسىتېتى Acıbadem Mehmet ali Aydınlar Üniversitesi
26. 19-ماي ئۇنىۋېرسىتېتى 19 Mayıs Üniversitesi
27. بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى Bursa Uludağ Üniversitesi
28. بەزمىئالەم ۋەقف ئۇنىۋېرسىتېتى Bezm-i Alem Vakıf Üniversitesi
29. سەھىيە پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى Sağlık Bilimleri Üniversitesi
30. ئەسكىشەھەر ئوسمان غازى ئۇنىۋېرسىتېتى Eskişehir Osmangazi Üniversitesi
ئەسكەرتىش: ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رەت تەرتىپى ھەرقايسى مەنبەلەردە ئىلگىرى-كېيىن، قالايمىقان بولۇپ، مەن خەلقئارادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تەكشۈرۈپ رەت تەرتىپىگە تۇرغۇزىدىغان URAP نىڭ تۈركىيە ۋەكىلى پىروفېسسور دوكتور ئۇرال ئاقبۇلۇت تەييارلىغان ماتېرىيالنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئەڭ توغرا تىزىملىكنى سۇنۇشقا تىرىشتىم.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر
2023-يىلى 21-دېكابىر