ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەشيا ئوبوروت سۇپىسىنى ئىشلىتىشنى چەكلىدى

ئامېرىكا پارلامېنتى قانۇن ماقۇللاپ، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ ئەشيا ئوبوروت سۇپىسى «LOGINK» غا تايىنىدىغان ھەر قانداق دېڭىز پورتىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 23-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى قانۇن ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئەشيا ئوبوروت سۇپىسىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن بولۇپ، ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم كوتون بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى  مىشېل سىتىل: «خىتاينىڭ دۆلەت ئەشيا ئوبوروت سۇپىسى خىتاينىڭ يۈك ۋە پاراخوتلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىز قوغلاپ، سودا پورتلىرىغا تايىنىدىغان ئامېرىكىنى نازارەت قىلىشىغا يول ئاچتى» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى ماقۇللىغان 2024-يىللىق مالىيە خامچوتى «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە يەنە خىتاينىڭ دۆلەت ئەشيا ئوبوروت سۇپىسىنى ئىشلىتىدىغان ھەر قانداق پورتقا فېدېراتسىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن. «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇنى» 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ماقۇللانغان بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئەشيا ئوبوروت سۇپىسىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى ئىمزالىنىپ ئالتە ئايدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن مەزكۇر «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇنى»غا تېخى ئىمزا قويمىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئېلخەت زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان توم كوتون خىتاينىڭ دۆلەت ئەشيا ئوبوروت سۇپىسى تەھدىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئەشيا ئوبوروت سۇپىسى خىتاي رېجىمىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي 60 نەچچە دۆلەتتىكى تەخمىنەن 100 دىن ئارتۇق پورتقا مەبلەغ سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 8585 قېتىم كۆرۈلدى
25/12/2023 14:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق