تالىباننىڭ خىتايدىكى ئەلچىسى خىتاي تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشتى

ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەسەدۇللاھ بىلال كەرىمى جۈمە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش ئەمەلدارى ليۇ جىنسۇڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئافغانىستان-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

ئافغانىستاننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، كەرىمى ئافغانىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىخەتەرلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇل ئەسلىھە، تاشيول، ئېنېرگىيە ۋە باشقا ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ ۋاخان كارىدورىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم قاتناش ۋە سودا يولىغا ئايلىنىشىنى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ بۇ يولنى ئېچىشقا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كەرىمى سۆزىدە يەنە ئافغانىستاننىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ مىس كېنى تۈرىدە خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى باشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باش ئەلچى رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك، تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارىغىنىدەك، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

كەرىمى يەنە: «ئافغانىستاندا 40 يىل داۋاملاشقان ئۇرۇش ئاخىرلاشتى، زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇش، چىرىكلىك ۋە باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەر توختىتىلدى، ئافغانىستان ھېچكىمگە ھېچقانداق تەھدىت پەيدا قىلمايدۇ ۋە ئىسلام ئەمىرلىكى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ» دېگەن.

باياناتتا ليۇ جىنسۇڭ خىتاينىڭ ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ۋە ئافغانىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن ۋە ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى تىرىشچانلىقىنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارىغانلىقى بىلدۈرۈپ: «خىتاي بىلەن ئافغانىستان مۇناسىۋىتىدە ھېچقانداق مەسىلە بولماسلىقىنىڭ ئۆزىلا ئىنتايىن مۇھىم، مۇناسىۋەتنى مۇقىملاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىمۇ داۋاملىشىشى كېرەك» دېگەن.

خىتاي ئەمەلدارى يەنە خىتاي شىركەتلىرىنى ئافغانىستاندىكى ھەر قايسى ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 8990 قېتىم كۆرۈلدى
25/12/2023 14:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق