خىتاي يانفون شىركىتىنىڭ ئىككى خىزمەتچىسى ھىندىستاندا قولغا ئېلىندى

خىتاينىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى ۋىۋونىڭ ئىككى خىزمەتچىسى ھىندىستان بىخەتەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن قولغا  ئېلىنغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 25-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى ۋىۋونىڭ (Vivo) ئىككى خىزمەتچىسىنى قولغا ئالغان بولۇپ، خىتاي بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ھىندىستاننى خىتاي پۇقرالىرىنى كەمسىتمەسلىككە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ دېلوغا بىۋاسىتە چېتىشلىق بىر كىشىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، ئىككى خىتاي شەنبە كۈنى دېھلى سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ كېلىنىپ، ئىجرا قىلىش باشقارمىسىنىڭ نازارىتىگە تاپشۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار سەيشەنبە كۈنى سوتقا چىقىدىكەن.

ئىككى ئاي ئىلگىرى، ھىندىستان مەمۇرىي تەپتىش مەھكىمىسى پۇل يۇيۇش جىنايىتى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت ۋىۋونىڭ تۆت يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسىنى قولغا ئالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى خىتاي پۇقراسى ئىكەن.

يېقىندىن بېرى خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ زېمىن تالاش-تارتىشىشى بارغانسېرى كۈچەيگەن بولۇپ، ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان. خىتاي ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى بويىدىكى بازىسىنى زور خىراجەت بىلەن يېڭىلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇچۇش يولىنى ئۇزارتقان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن گالۋان ۋادىسىغا يېقىن (2020-يىلىدىكى توقۇنۇش يۈز بەرگەن جاي) تىبەتنىڭ رىتۇ ناھىيەسىدىكى پانگۇڭ تىسوغا يېقىن جايدا يېڭى تىك ئۇچار ئايروپىلان ئايرودۇرۇمى ياسىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 8568 قېتىم كۆرۈلدى
26/12/2023 14:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق