خىتاي ئەمەلدارى: تەيۋەندىكى سايلام سەۋەبلىك ئۇرۇش قوزغىلىشى مۇمكىن

خىتاينىڭ سابىق ئەمەلدارى تەيۋەندىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى سەۋەبلىك چوڭ ئۇرۇش قوزغىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

جەنۇبى خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ 25-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر سابىق ئەمەلدارى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى تەيۋەن پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلىنىپ قالسا، خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي  كومپارتىيەسى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ زەيشى تەيۋەن مۇستەقىللىقى دېمەك ئەمەلىيەتتە ئۇرۇش دېمەك ئىكەنلىكىنى،  تەيۋەن مۇستەقىللىقى مەسىلىسىنىڭ ھامىنى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

نۆۋەتتە خىتاي كوممۇنىست رېجىمى يېقىندا تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سايلامدىن ئىلگىرى ھەربىي ۋە سىياسىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تەيۋەنگە بولغان بېسىمنى كۈچەيتمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 8565 قېتىم كۆرۈلدى
26/12/2023 14:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق