ھىندونېزىيەدىكى خىتاي زاۋۇتىدا ئېغىر پارتلاش يۈز بەردى

ھىندونېزىيەدە مەبلەغ سالغان خىتاينىڭ نىكېل زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 13 ئىشچى ئۆلگەن.

ئەنگلىيە مۇستەقىللىق گېزىتىنىڭ 25-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ھىندونېزىيەدىكى بىر نىكېل زاۋۇتىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، كەم دېگەندە 13 ئىشچى ئۆلۈپ، 46 ئادەم يارىلانغان. پارتلاش ھىندونېزىيە چىڭشەن داتلاشماس پولات چەكلىك شىركىتىنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ موروۋالى سانائەت باغچىسى رايونىدىغا جايلاشقان بىر زاۋۇتىدا، رېمونت قىلىۋاتقان پەيتتە يۈز بەرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋەقەدە تۆت خىتاي ئىشچى ئۆلگەن. نىكېل ئېلېكتىر موتورلۇق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىم بىر قىسىم بولۇپ، ھىندونېزىيە دائىرىلىرى نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتىكەن. ھىندونېزىيە تەرەپ شىركەتنىڭ مەسىلىلەرگە بىپەرۋالىق قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندونېزىيە چىڭشەن داتلاشماس پولات شىركىتىنىڭ ئانا شىركىتى چىڭشەن پاي كونترول گۇرۇھى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نىكېل ئىشلەپچىقارغۇچى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ داتلاشماس پولات ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى ئىكەن.

بۇ خەۋەر 8614 قېتىم كۆرۈلدى
26/12/2023 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق