ئافغانىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى سىر بولۇپ قالدى

ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكى يەنىلا بىر سىر بولۇپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ مەسىلىگە غۇلغۇلا قوزغىغان.

نىككې ئاسىيا تورىنىڭ 27-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، تالىبان رەھبىرى موللا ھەيبەتۇللاھ ئاخۇنزادە 29 ئايدىن بۇيان ئاممىۋى سورۇندا كۆرۈلمىگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى پەرەزلەرنى كۈچەيتىۋەتكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تالىبان ئەزالىرى ئىسلام دىنىدا سۈرەتكە چۈشۈش چەكلەنگەنلىكى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ سۈرەتكە تارتماسلىق ياكى سىنغا ئالماسلىق يولىنى تاللىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بەزى ئۆكتىچى گۇرۇھلار ھەيبەتۇللاھنىڭ قازا قىلدى ياكى ھازىر ئۇنىڭ ئورنىدا باشقا بىر كىشى رەھبەرلىك قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەقتە ئافغانىستان ئانالىزچىلىرىنىڭ پىكرى بىردەك ئەمەس بولۇپ، بەزىلەر ئۇنىڭ ھاياتلىقىنى، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ ھايات ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 15720 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2023 16:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق