ئۇيغۇر ئۆلىمالار دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، بىرلىكنىڭ سابىق رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، بىرلىك ئەزاسى ئۇستاز ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى ئالاقە مۇناسىۋىتى مەسئۇلى، ئەرەب-خىتاي مۇناسىۋىتى تەتقىقاتچىسى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر قاتارلىقلار دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ قاتاردا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلدى.

يىغىن 6-يانۋار باشلانغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى بىرلىك ئەزالىرى، ئوخشاش مەقسەتتە دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان تەشكىلات رەئىسلىرى، مەشھۇر ئالىملار ۋە سىياسىيونلار بولۇپ 600 يېقىن شەخس تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، يىغىن 11-يانۋارغىچە داۋاملىشىدىكەن.

يىغىندا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سادىر قىلىنىۋاتقان جىنايەتلەر مۇزاكىرە قىلىنغاندىن باشقا، بۇ مەسىلە ھەققىدىكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەيدانى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى مەجبۇرىيەتلىرى، ئۆز ئىچىدىكى مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى يىغىن جەريانىدا يېغىن قاتناشقۇچىلىرىغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىكەن ھەمدە مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ھەققىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تەكىتلەيدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 14580 قېتىم كۆرۈلدى
08/01/2024 17:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق