ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ قاتاردىكى زىيارەتلىرى داۋاملاشماقتا

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ قاتاردا ئېچىلغان يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، بىرلىكنىڭ سابىق رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، بىرلىك ئەزاسى ئۇستاز ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى ئالاقە مۇناسىۋىتى مەسئۇلى، ئەرەب-خىتاي مۇناسىۋىتى تەتقىقاتچىسى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر قاتارلىقلار يىغىنغا كەلگەن ئۆلىمالار ۋە ژۇرنالىستلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.

يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەيئەت 8-يانۋار دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى رەئىسلىكىگە سايلانغان دوكتور ئەلى قاراداغىي بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى ۋە ئۇنىڭ رەئىسلىككە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى ئالاقە مۇناسىۋىتى مەسئۇلى، ئەرەب-خىتاي مۇناسىۋىتى تەتقىقاتچىسى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر 7-يانۋار قاتاردا ئەششەرق مېدىيا گۇرۇھىنى زىيارەت قىلدى.

مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر 8-يانۋار يەنە ئەششەرق قاتار گېزىتىنىڭ مەركىزىنى زىيارەت قىلدى. مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇرنى گېزىت مەركىزىنىڭ مۇھەررىرى جابىر ئەل ھەرەمىي ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.

ھەيئەت يىغىن جەريانىدا دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ رەھبەرلىرى، ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى زور تەسىرگە ئىگە شەخسلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، جۈملىدىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتىنى تونۇشتۇرماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 14381 قېتىم كۆرۈلدى
10/01/2024 14:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق