پاكىستان ئىراننىڭ چېگرا ھالقىغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

پاكىستان سەيشەنبە كۈنى ئىراننىڭ چېگرا ھالقىغان ھۇجۇمى سەۋەبلىك بەلۇجىستان ئۆلكىسىدە ئۈچ بىگۇناھ بالىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن بولۇپ، ئىراننى كېلىپ چىقىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ بايانات ئېلان قىلىنىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى، ئىراننىڭ قوراللىق تەشكىلات جەيشۇل ئەدلنىڭ نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ تەشكىلات ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى 900 كىلومېتىرلىق چېگرانىڭ پاكىستان تەرىپىدە پاناھلىنىۋاتقانىكەن.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش ئەترىتى پاكىستاننىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسىگە تەۋە رايونغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قوزغىغان.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى كەچتە ئىراننىڭ پاكىستاننىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا سەۋەبسىز ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، ھۇجۇمدا ئۈچ بالىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتقان. پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستان تەرەپ ئىراننىڭ بۇ ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا ئىراننىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق ئەلچىخانىسىنىڭ خادىمىنى چاقىرتىپ، پاكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئوچۇق-ئاشكارا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى، ھۇجۇم سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە ئىراننىڭ تولۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پاكىستان باياناتتا بۇ بىر تەرەپلىمە قانۇنسىز ھەرىكەتنىڭ پاكىستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا بىر قانچە ئالاقە يوللىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا قارىماي يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 13231 قېتىم كۆرۈلدى
17/01/2024 12:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق