ياپونىيە سىياسەتچىلىرى: خىتاي سېنكاكۇ ئارىلىدىكى لەيلىمە بەلگىنى ئېلىۋېتىشى كېرەك

ياپونىيە لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايدىن سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىن جايدىكى لەيلىمە بەلگىنى ئېلىۋېتىشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 1-فېۋرال خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسى ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدىن سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى لەيلىمە بەلگىنى ئېلىۋېتىشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان.

ياپونىيە لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلار گۇرۇپپىسى 1-فېۋرال پارتىيە مەركىزىدە يىغىن ئاچقان بولۇپ، پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبىرى ھىسايۇكى فۇجى يىغىندىن كېيىن يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان.

لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسى ياپونىيەنىڭ خىتاي قويغان لەيلىمە بەلگىنى ئۆزى ئېلىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھۆكۈمەتتىن تاشقى سىياسەت جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق خەلقئارالىق ئىتتىپاقلارغا بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا ئۆتكەن يىلى نويابىردا خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبەت داۋامىدا، لەيلىمە بەلگىنى دەرھال ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.

تەييارلىغۇچى : ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1873 قېتىم كۆرۈلدى
03/02/2024 10:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق