ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئىلھام توختىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتتى

ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بىرلەشمە رەئىسلىرى خىتاي تۈرمىسىدە جازالىنىۋاتقان تۆت كىشىنى 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ (CECC) رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس بىلەن كومىتېتنىڭ ئورتاق رەئىسى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلىنىڭ 1-فېۋرال بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار چارشەنبە كۈنى نورۋېگىيە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتېتى رەئىسىگە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، خىتاي تۈرمىسىدە جازالىنىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي پىروفېسسور ئىلھام توختى، ئىنسان ھەقلىرى ئادۋوكاتى شۈ جىيوڭ ۋە دىڭ جياشى، خوڭكوڭ «ئالما كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ قۇرغۇچىسى لى جىيىڭ قاتارلىق تۆت كىشىنى 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتكەن. بۇ تۆت كىشىنىڭ ھەممىسى سىياسىي پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك خىتاي تۈرمىسىگە تاشلانغان بولۇپ، پارلامېنت ۋەكىللىرى مەكتۇپىدا ئۇلارنى «تىنچلىق ۋە ئەركىنلىكنىڭ تەشەببۇسچىلىرى» دەپ سۈپەتلىگەن.

ئىككى رەئىس مەكتۇپىدا ئالدى بىلەن نوبېل كومىتېتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈرلۈك بېسىمغا قارىماي قىلغان خىزمەتلىرىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئارقىدىن نوبېل كومىتېتىنى 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان بىر كىشىگە بېرىشنى، خىتاي ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىدە خەلقئارا بويىچە ئەڭ ناچار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي رېجىمى پىروفېسسور ئىلھام توختىنى 2014-يىلى ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇندى» دېگەن تۆھمەت بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا. ئىنسان ھەقلىرى ئادۋوكاتلىرى دىڭ جياشى ۋە شۈ جىيوڭ بولسا 2023-يىلى «دۆلەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش جىنايىتى» دېگەن تۆھمەت بىلەن، ئايرىم-ئايرىم 12 يىللىق ۋە 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1909 قېتىم كۆرۈلدى
03/02/2024 10:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق