ئامېرىكا خىتاينىڭ ئون نەچچە شىركىتىنى ھەربىي سانائەت شىركەتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا ئون نەچچە خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا تېخنىكىسى بىلەن خىتاي ھەربىي سانائىتىگە ياردەم بېرىشنى چەكلەش ئۈچۈن، ئۇلارنى ھەربىي سائەت شىركەتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 31-يانۋار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۇرغۇزۇپ چىققان چەكلەش تىزىملىككە ئوندىن ئارتۇق خىتاي شىركىتىنى قوشقان بولۇپ، مەزكۇر شىركەتلەر خىتاي ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن شىركەتلەر ئىكەن. بۇ قارارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئامېرىكا ھەربىي تېخنىكىسىنىڭ خىتايغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېڭىدىن قوشۇلغان تىزىملىك ​​ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆزىكى ئىشلەپچىقارغۇچى چاڭجياڭ دەرياسى ساقلىغۇچ تېخنولوگىيە شىركىتى، سۈنئىي ئىدراك ساھەسىدىكى كۇاڭشى تېخنولوگىيە شىركىتى، لازېرلىق رادار ئىشلەپچىقىرىدىغان خېسەي تېخنولوگىيە شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۈركىلىشى جىددىيلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە بۇ تىزىملىكنىڭ يېڭىلىنىشى ئامېرىكىنىڭ «خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن» دەپ قارالغان خىتاي شىركەتلىرىگە دىققەت ئاغدۇرۇش ۋە چەكلەش ئۈچۈن قوللانغان نۇرغۇن تەدبىرلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

مەزكۇر قاراردىن كېيىن خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنى دۆلەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلاندى، دەپ ئەيىبلىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ كەمسىتىش قىلمىشىنى تۈزىتىش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2001 قېتىم كۆرۈلدى
03/02/2024 10:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق