خەلقئارالىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلدى

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 1-فېۋرال ھەممىباب، تېسلا، ۋولكىسۋاگېن، تويوتا ۋە بىيادى قاتارلىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ماتېرىياللارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW) 1-فېۋرال يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، ھەممىباب، تېسلا، ۋولكىسۋاگېن، تويوتا ۋە بىيادى قاتارلىق خەلقئارالىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەۋجۇت بولۇشتىن ساقلانمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاليۇمىن ئىشلەپچىقارغۇچى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خىتاي رېجىمى قوللىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىلانىدىكى ئىشچىلارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلارنىڭ بارلىقى، مەزكۇر يۆتكەش پىلانى بويىچە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاليۇمىنلار خىتايدا ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىكەن. ئارقىدىن بۇ زاپچاسلار خەلقئارالىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرگە سېتىلىدىكەن. بۇ شىركەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى تەمىنلەش زەنجىرىدە ئىشلەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بار ئىكەن.

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتتا ھەممىباب، تېسلا، ۋولكىسۋاگېن، بىيادى ۋە تويوتا قاتارلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغان ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر شىركەتلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت قانۇنسىز قىلمىش ھەققىدە كونكرېت ئەھۋاللارنى بايقىمىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەلقئارالىق ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە مىليون ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ قىيىن-قىستاققا ئالغانلىقى، تۇتقۇنلارنى شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى ھەققىدە دوكلاتلارنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، خىتاي رېجىمى ئىزچىل تۈردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2040 قېتىم كۆرۈلدى
03/02/2024 11:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق