شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ 2-ئايلىق ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەت يىغىنى 2-فېۋرال ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ كازلىچەشمە كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئېچىش مەقسىتىنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىش، قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. ئارقىدىن تۈركىيەدە  70 نەچچە مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى، ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۈچ قوشۇۋاتقانلارنىڭ ئازلىقىنىڭ كىشىنى ئېچىندۇرىدىغانلىقىنى، دەۋا سېپىدىكىلەرنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى كېرەكلىكىنى ۋە بارلىق ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى ئويغىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، جېنىنى، يۈز-ئابرۇيىنى، مال-مۈلكىنى قوغداشنىڭ ئىسلامدىكى مۇھىم پىرىنسىپلار ئىكەنلىكىنى، بۇلارنى قوغداش مۇسۇلماننىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقنىڭ بۇ جەھەتتە ئۆزرىسى بار بولسىمۇ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقانلارنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلماسلىققا ھېچقانداق ئۆزرىسى يوق ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ ھىجرەتكە ئاتلىنىشتا ئاللاھ ئالدىدا قىلغان خىتايغا قارشى تۇرۇش ئەھدىسى بارلىقىنى، ھەربىر مۇھاجىر بۇ ئەھدىگە ۋاپا قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز ئاتاۋۇللاھ خەلپەت ھاجىم سۆز قىلدى. ئۇ ئىنساننىڭ يارىتىلىشىنىڭ سەۋەبى ئاللاھقا ئىبارەت قىلىش ئىكەنلىكىنى، زالىمغا قارشى تۇرۇش، قارشى ھەرىكەت قىلىشنىڭمۇ دەل ئىبادەت قاتارىدا ئىكەنلىكىنى، مۇسۇلماننىڭ ھوقۇقى تارتىۋېلىنغاندا، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا قارشى ھەرىكەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، ئېغىر مۇسىبەتلەر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن سىناق ئىكەنلىكىنى، دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش جەريانىدا ئۈمىدسىزلەنمەسلىك، ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاللاھقا قىلغان ئەھدىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھىجرەتكە ئاتلانغانلىقىنى، نۆۋەتتە قىسمەن ئۇيغۇرلارنىڭ «ئاتا-ئانام بىلەن كۆرۈشەلىدىم» دېگەن باھانە بىلەن خىتايغا قارشى ھەرىكەتتىن قېچىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىمان ۋە پىداكارلىق روھىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتتە يەنە سابىق پارلامېنت ئەزاسى پىروفېسسور، دوكتور جەلال ئەرباي سۆز قىلىپ، مۇسۇلماننىڭ دۇنيالىق ھاياتىدا زۆرۈر مەسئۇلىيەتلىرى بار ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇشى، قوغدىشىنىڭ ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىن ئاخىرىدا تەشكىلات مەسئۇللىرى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. شۇنداقلا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇھاجىرەتتىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاخىرىدا جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ باشچىلىقىدا شېھىتلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4013 قېتىم كۆرۈلدى
03/02/2024 12:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق