خىتاي ساقچى پونكىتلىرى ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى

خىتاي خەلقئارا كۈنتەرتىپىدە تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا خەلقنى باستۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش ئۈچۈن تەسىس قىلغان ئاتالمىش «قانۇن خىزمەت پونكىتى»نىڭ خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدە جار سالدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى، سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ 3-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 1-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى، مۇئاۋىن رەئىسى چېن جۇڭكۈەن مۇخبىرغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاپ تونۇشتۇرۇپ: «ئاپتونوم رايونىمىز 300 دىن ئارتۇق قانۇن خىزمەت پونكىتى تەسىس قىلىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ دەۋا تەلىپى ۋە ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلدى. بۇ ئورۇنلارغا ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە ئادۋوكاتلارنى ئىشچى-قانۇن بويىچە ماسلاشتۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، پىسخىكا ساغلاملىقى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى» دەپ بىلجىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇپ كونترول قىلىش، خالىغانچە سەپەر قىلىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق، خىتاي ج خ ئورگانلىرىغا ھەمكارلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، ھەر قايسى رايونلاردا ئاتالمىش «قانۇن خىزمەت پونكىتلىرى»نى تەسىس قىلغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، مەزكۇر ئورۇنلارنى خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىنى دەۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3573 قېتىم كۆرۈلدى
03/02/2024 12:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق