تۈركىيەدە غۇلجا قەتلىئامىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

-1997يىلى 5-فېۋرال يۈز بەرگەن غۇلجا قەتلىئامىنى ۋە شېھىتلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 4-فېۋرال خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تەشكىللەنگەن بولۇپ، نامايىشقا مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى. نامايىشچىلار خىتاينىڭ تارىختىكى ۋە نۆۋەتتىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە قارشى پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاشتى.

ئالدى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بايانات ئېلان قىلىپ، 1997-يىلى يۈز بەرگەن غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى ۋە خىتاينىڭ شۇ كۈنى رامىزاندا ئىبادەت قىلىۋاتقان خەلقنى باستۇرۇش جىنايىتىگە قارشى كوچىغا چىقىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇر خەلقىنى قاتتىق سوغۇقتا سوغۇق سۇ چېچىپ توڭلىتىپ قىرغىن قىلغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتكە چېتىلغان بارلىق كىشىلەرنى ئېغىر جازالىغانلىقىنى، يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى، خەلقنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى، نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولاپ قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە بولسا يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسىنى خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماي، ھەرۋاقىت شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە بولۇشقا چاقىردى.

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد سۆز قىلىپ، غۇلجا قەتلىئامىغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىبار بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن جاسارەتلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى، ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى، ژۇرنالىست ئادام ئۆزكۈسەنمۇ سۆز قىلىپ، زۇلۇمغا بىۋاسىتە قارشى تۇرالمىغاندا، ئۇنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئىسلام ئەللىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلغىنىدەك، خىتاي ماللىرىنىمۇ بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەندىن بېرى، باستۇرۇش، قىرغىن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلىگەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېزىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئاز-تولا رۇخسەت قىلىشتەك خىتاينىڭ تۈرلۈك ھىيلىلىرىگە ئالدانماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئىشغالىيەتچى خىتايغا قارشى تۇرۇش ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

نامايىش دوكتور ئالىمجاننىڭ بۇغدانىڭ يېتەكچىلىكىدە بارلىق شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتالغان، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشى، خىتاينىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالار بىلەن ئاخىرلاشتى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1165 قېتىم كۆرۈلدى
06/02/2024 22:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق