دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا غۇلجا قەتلىئامىنىڭ 27 يىللىقى خاتىرىلەندى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ بۇندىن 27-يىل ئىلگىرى غۇلجىدا ئىجرا قىلغان ۋەھشىيانە قەتلىئامىنى ۋە شېھىتلەرنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

جۈملىدىن شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 4-فېۋرال شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، خىتاينىڭ ئىستوكھولمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى.

نامايىشتا خىتاينىڭ 1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا شەھىرىدە سادىر قىلغان قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ 27 يىللىقى ۋە شۇنداقلا ئىشغالىيەتچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈلدى، شۇنداقلا غۇلجا قەتلىئامى توغرىسىدا، جەمئىيەت نامىدىن بايانات ئېلان قىلىندى.

ئارقىدىن غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا ھايات قالغان تىرىك شاھىتلاردىن ئابدۇللەتىف ئابدۇلقادىر خىتاينىڭ غۇلجا قەتلىئامىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، غۇلجىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ %80 نىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، قالغانلىرى چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ 4-فېۋرال گوللاندىيەنىڭ ئامستېردامدىكى دام مەيدانىدا غۇلجا قەتلىئامنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەپ بايانات ئېلان قىلىش ۋە نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنى گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز بايانات ئېلان قىلدى. نامايىشچىلار غۇلجا قەتلىئامدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان شېھىتلەرنىڭ، جازا لاگېرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن پىلاكاتنى كۆتۈرۈپ، «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت»، «خىتاي تېررور رېجىمى» دېگەن شوئارلارنى توۋلاشتى.

ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 27 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزدى. ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلەيدتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار 4-فېۋرال ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، جەنۇبى ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئالدىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا شەھىرىدە ئىجرا قىلغان تارىخىي قىرغىنچىلىقىنىڭ 27 يىللىقى ۋە شۇنداقلا نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىشتا شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇستافا تۇران جەمئىيەت نامىدىن ئىنگلىزچە بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باياناتچىسى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانىي قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ غۇلجا قەتلىئامىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، بايانات ئېلان قىلىش ۋە نامايىش پائالىيىتى تەشكىللىدى.

ئۇندىن باشقا ياپونىيە، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ غۇلجا قەتلىئامى ۋە شېھىتلەرنى بايانات ئېلان قىلىش، پىيادە يۈرۈش قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1413 قېتىم كۆرۈلدى
06/02/2024 22:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق