خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى سۈنئىي ئىدراكقىچە كېڭەيدى

خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى ھەر ساھەگە چېتىلغاندىن سىرت، يەنە سۈنئىي ئىدراكقىچە كېڭەيتىلگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 4-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، 31-يانۋار يېڭىدىن تەيىنلەنگەن خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى دوڭ جۈن رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، ئىككى ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

4-فېۋرال «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى» خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈنئىي ئىدراكنى ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىش ۋە ماسلىشىشقا قوشۇلغانلىقىنى، بۇ تېخنىكىنىڭ بېيجىڭنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بولغان رىقابىتىدىكى يېڭى تۈرگە ئايلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا: پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلدارلىرى سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىش توغرىسىدا «تەپسىلىي باھالاش ئالاقىسى» ئورناتقان. ئىككى تەرەپ يەنە بۇ مەسىلىدە «رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ نەزەرىيەۋى كۆرسەتمىسى ۋە تەشەببۇسى» نى مۇزاكىرە قىلغان. گەرچە ئىككى تەرەپ يىغىنىغا قايسى ئەمەلدارلارنىڭ قاتناشقانلىقى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، بىراق رۇسىيەنىڭ باياناتىدا: «يىغىن رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يېقىنلىقىنى ئىسپاتلىدى» دېيىلگەن.

رۇسىيە تەرەپ باياناتىدا: «بۇ يىغىن رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان يېقىن پوزىتسىيەسىنى ئىسپاتلىدى. بۇ ساھەدە ئىككى تەرەپلىك ياكى مۇناسىۋەتلىك كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، ئاساسلىقى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت مۇتەخەسسىسلىرى گۇرۇپپىسى رامكىسى ئىچىدە يېقىندىن ھەمكارلىشىش كېرەك» دېيىلگەن.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى» دە: «خىتاينىڭ يىغىن توغرىسىدىكى باياناتىدا سۈنئىي ئىدراكنىڭ ھەربىي ساھەگە ئىشلىتىلىشى تىلغا ئېلىنمىغان بولۇپ، ئەمما كېڭەش يىغىنىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى تاشقى ئالەم بىخەتەرلىكى، بىيولوگىيەلىك بىخەتەرلىك ۋە سۈنئىي ئىدراك مەسىلىسى بولغاندىن باشقا، كەلگۈسىدىكى جۇغراپىيەلىك سىياسىي رىقابەتنى بەلگىلىيەلەيدىغان بىر قىسىم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى» دېيىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1284 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2024 17:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق