ھىندىستان تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتاي بىلەن تىركەشمەكتە

ھىندىستان تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن يېڭى تەكشۈرۈش پاراخوتىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسى 3-فېۋرال دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى راجنات سىنگىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن «INS Sandhayak» ناملىق تەكشۈرۈش پاراخوتىنى رەسمىي ئىشلىتىشكە باشلىغان. راجنات سىنگى بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە يېڭى پاراخوت ھىندىستاننىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلىك رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ھەمدە دېڭىز ئارمىيەسى يىراق دېڭىزدا دۇچ كەلگەن كۆپ خىل خىرىسقا قارشى بىخەتەرلىكنى قوغداشتىكى رولىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك يېڭىلاش پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ھىندىستان خىتاينىڭ ھىندى ئوكيان ۋە پۈتكۈل ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دېڭىز فىلوتىنى 175 پاراخوت دەرىجىسىگە كېڭەيتىشنى پىلانلىغان.

ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى راجنات سىنگى: «ئوكيان چەكسىز كەڭ رايون بولۇپ، بىز ئۇنى قانچە كۆپ تەتقىق قىلساق، بىلىش دائىرىمىز شۇنچە كېڭىيىدۇ ھەمدە كۈچىمىز بارغانچە ئاشىدۇ» دېگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە: «ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز قائىدىگە ئاساسلانغان دۇنيا تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىش بولۇپ، بىزنىڭ مەقسىتىمىز ھىندى ئوكيان ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا قانۇنسىز ۋە تەرتىپسىز بېلىق تۇتۇش ھەرىكىتىنى چەكلەش، دېڭىز ئارمىيە كۈچى ئارقىلىق زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەپ، دېڭىز قاراقچىلىرىنى چەكلەشكە ۋەدە بېرىپلا قالماي، بەلكى پۈتكۈل رايوننى تىنچ ۋە گۈللەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1352 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2024 17:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق