خىتاينىڭ جاسۇسلۇق كەپتىرى قويۇپ بېرىلدى

خىتاي جاسۇسلۇققا ئىشلەتكەن، دەپ گۇمان قىلىنغان بىر كەپتەر ھىندىستاندا تۇتۇپ قېلىنىپ، سەككىز ئاي ئۆتكەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

ۋاشىنگتون پوچتىسىنىڭ 6-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان دائىرىلىرى ئىلگىرى خىتاي جاسۇسى دەپ گۇمان قىلىنغان بىر مۇسابىقە كەپتىرىنى بومباي پورتىغا يېقىن جايدا تېپىۋالغان بولۇپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، كەپتەر پۇتىغا ئىككى مېتال ھالقا تاقالغان بولۇپ، قانىتىنىڭ ئاستىدا خىتايچە خەت يېزىلغان. ھىندىستان دائىرىلىرى بىر مەزگىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كەپتەردىن گۇمانلىق ماددىلار ياكى ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات تاپالمىغان بولۇپ، ئاخىرى كەپتەرنى قويۇپ بەرگەن.

مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر كەپتەرنى تەيۋەن دېڭىز قىرغىقىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ھىندىستان تەرەپكە قاراپ ئۇچقان، دەپ قارىغان.

خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيانقى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن جاسۇسلۇق قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە ئېھتىياتچانلىقىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇلتۇر ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدا خىتاي جاسۇسلۇق شارىنىڭ بايقىلىشى ئامېرىكا-خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدە بىر مەزگىل كىرىزىس پەيدا قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1648 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2024 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق