خىتاي خاككېرلىرى گوللاندىيەنىڭ ھەربىي تور سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلدى

خىتاي خاككېرلىرى گوللاندىيەنىڭ ھەربىي تور سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، خىتاي بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گوللاندىيە دائىرىلىرى 6-فېۋرال خىتاينى ئەيىبلەپ، خىتاي رېجىمى قوللىغان خاككېرلارنىڭ گوللاندىيەنىڭ ھەربىي تورىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 7-فېۋرالدىكى باياناتىدا بۇنى ئىنكار قىلىپ، خىتاينىڭ ھەر قانداق بىر دۆلەت ياكى شەخسنىڭ خىتايدىكى تور ياكى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، قانۇنسىز پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

خىتاينىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى خىتاينىڭ ھەر قانداق ئاساسسىز ئەيىبلەشكە قارشى تۇرىدىغانلىقى، سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىق ئارقىلىق تور بىخەتەرلىكىنى بىرلىكتە قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى، خىتاي قانۇنغا ئاساسەن ھەر خىل تور ھۇجۇمىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.

گوللاندىيە ھەربىي رازۋېدكا ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسى (MIVD) ۋە ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى (AIVD) 6-فېۋرال گوللاندىيە ھەربىي تورىنىڭ 2023-يىلى خىتاي رېجىمى قوللىغان خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، گەرچە زىيان چەكلىك بولغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئاددىي ھادىسە ئەمەسلىكىنى، بۇ قىلمىش خىتاينىڭ گوللاندىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قاراتقان تېخىمۇ كەڭ سىياسىي جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ گوللاندىيەنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارا ھالدا خىتاينىڭ تور جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى ئەيىبلىشى ھېسابلىنىدىكەن. گوللاندىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كايسا ئولونگرېن بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ بۇ خىل جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قوزغىتىش كېرەكلىكىنى، شۇندىلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرگە قاراتقان ئۇزۇن مەزگىللىك تور ھۇجۇمى، تور جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپلەپ ئاشكارىلىنىپ، ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1754 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2024 17:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق