خىتاينىڭ تۈركىيە باش ئەلچىخانىسىنىڭ غۇلجا قەتلىئامى ھەققىدىكى بىلجىرلاشلىرىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىندى

خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى 5-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، 27 يىل بۇرۇن ئىجرا قىلغان غۇلجا قەتلىئامىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى ۋە غۇلجا قەتلىئامىنى خاتىرىلەش نامايىشلىرىغا ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا قارا سۈركەپ بىلجىرلىدى.

غۇلجا قەتلىئامىنىڭ 27 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك نامايىش، پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەنىدى. جۈملىدىن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 4-فېۋرال خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزگەنىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي بۇ نامايىشلاردىن قاتتىق بىئارام بولغان.

تۈركىيەدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى باياناتىدا: «خىتايغا قارشى بۆلگۈنچى كۈچلەر غۇلجا ۋەقەسىدىكى بۇلاڭچىلىق، ئۇرۇپ-چېقىش، ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلدى» دەپ بىلجىرلىغان.

ئەلچىخانا باياناتىدا يەنە قىرغىنچىلىققا ئالاقىدار پاكىتلارنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ئۆزىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىلىپ سەپسەتە ساتقان. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئەيىبلەۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي يەنىلا يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغان.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 6-فېۋرال خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا: «1997-يىلى 5-فېۋرال خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمە ۋە باستۇرۇشلىرىغا قارشى تىنچ نارازىلىق بىلدۈرگەن خەلقنى سوغۇقتا توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈپ قىرغىن قىلدى، مىڭلىغان كىشىنى قولغا ئالدى. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈنىمىزدە يۈزلىگەن قەتلىئاملارنى ئىجرا قىلغان، سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي يالغان تەشۋىقات ئۇسۇلى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېررورچى، بۆلگۈنچى دېگەندەك ناملار بىلەن ئەيىبلەپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش  سۈپىتى بىلەن، خىتاينىڭ غۇلجا قەتلىئامىنى بۇرمىلاش، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارا سۈركەش ئۇرۇنۇشلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقى ۋە رەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

بۇ ھەقتە تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي 1997-يىلى غۇلجا شەھىرىدە ئىجرا قىلغان قىرغىنچىلىقنى ۋە شېھىتلەرنى خاتىرىلەپ، نامايىش ۋە بايانات ئېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنىڭ خەلقئارادا ئومۇملاشقانلىقىنى، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ تۈركىيە باش ئەلچىخانىسى ئېلان قىلغان مەزكۇر باياناتنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە خىتاينىڭ خەلقئارا سوتتا سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن، قانۇنىي يول ئارقىلىق سوتقا تارتىش ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3718 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2024 17:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق