خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ قارارى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا

خىتاي رېجىمى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئېچىۋاتقان سىياسىي مەسلىھەت كېڭەش يىغىنى ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرلىشىپ، يىغىن قارارى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قاراردا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش، ئالاقە تورى دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش» قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. بۇ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى 29-يانۋار باشلىنىپ، 2-فېۋرال ئاخىرلاشقان. يېپىلىش يىغىنىدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، قورچاق ئەمەلدارلاردىن ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن دوكلات سۇنغان. يىغىن ئاخىردا بۇ يىللىق سىياسىي خىزمەت نىشانى سۈپىتىدە قارارىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، قاراردا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈگىتىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەلىي نازارەت قىلىش، ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ بوھتان چاپلىشى، قارا چاپلىشىغا ۋە شىنجاڭغا ئالاقىدار چەكلىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش، ئەزالارنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئاممىۋى پىكىر، زىيانلىق گەپ-سۆزلەرگە قاراتمىلىق رەددىيە بېرىشكە تەشكىللەش، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قاتارلىق ئىبارىلەر تەكىتلەنگەن.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلاندۇرۇش»، «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش»، «تېررورلۇققا زەربە بېرىش»، «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»، «قۇرئان كەرىمنى سوتسىيالىزمغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ شەرھلەش» دېگەن ناملار ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېتىقادىنى، مەدەنىيىتىنى، تىل-يېزىقىنى، ئەنئەنىلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل چەكلىدى ۋە ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلدى.

خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ يىللىق ئاتالمىش «سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى» يىغىندا چىقىرىلغان قارارىنىڭ مەزمۇنلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3003 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2024 17:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق