خىتاي تارىم نېفىتلىكىدە بۇلاڭ-تالاڭنى كېڭەيتىدىغان ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە تالان-تاراج قىلىش ئۈچۈن، چوڭقۇر بۇرغىلىيالايدىغان 175 مېگاپاسكاللىق بېسىم بىلەن يېرىش ئۈسكۈنىسىنى تارىم نېفىتلىكىدە سىناق قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان.

خىتاي نېفىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2-فېۋرال خىتاي نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 12 مىڭ مېتىرلىق چوڭقۇرلۇقتا قازالايدىغان ئاپتوماتىك بۇرغىلاش ماشىنىسىنى تارىم نېفىتلىكىگە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، 28-يانۋار تارىم نېفىتلىكىنىڭ بوز رايونىدىكى بىر قۇدۇقتا خىتاي نېفىتىنىڭ تۇنجى يۈرۈش 175 مېگاپاسكاللىق بېسىم بىلەن يېرىش ئۈسكۈنىسىنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەتكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، غەربىي قىسىم بۇرغىلاش-چارلاش قۇدۇق ئاستى مەشغۇلات شىركىتى تارىم نېفىتلىكى چارلاش ئىشلىرى بۆلۈمى بىلەن بىرلىشىپ، 175 مېگاپاسكال بېسىم بىلەن يېرىش ئۈسكۈنىسىنى نەق مەيداندا قوللىنىش كىچىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بوز رايون بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئۆلچەش، سىناق قىلىشنى باشلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى پەقەتلا خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، خىتاي خەۋەرلىرىدە ھەر يىلى ئېلان قىلىنىۋاتقان ئاتالمىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلغانلار ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكى، بۇنچە كۆپ تەبىئىي بايلىققا ئىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھېلىھەم نامراتلىق ئىچىدە ياشاشقا مەھكۇم قىلىنغانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى ئىلغار تېخنىكىلار ئارقىلىق زور كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3097 قېتىم كۆرۈلدى
08/02/2024 17:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق