ئافغانىستان خىتاينىڭ 49 مىليون دوللار مەبلىغى بىلەن نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى

ئافغانىستان خىتاي شىركىتىنىڭ 49 مىليون دوللار قىممىتىدىكى مەبلىغى بىلەن نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 7-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئېنېرگىيە شىركىتى ئافغانىستاننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىغا 49 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئافغانىستاننىڭ كۈندىلىك خام مەھسۇلات مىقدارىنى 1100 توننىدىن ئاشۇرۇشقا ۋەدە قىلغان، ئەمما بۇ مەبلەغ خىتاي ئەسلىدە ۋەدە قىلغان مەبلەغنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭ كېلىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى بىر يىل ئىلگىرى تالىبان رەھبەرلىرى بىلەن 25 يىللىق زور كۆلەمدە نېفىت چارلاش كېلىشىمى ئىمزالىغان. كېلىشىمدە شىركەتنىڭ بىرىنچى يىلى 150 مىليون دوللار، 2026-يىلغا بارغاندا 540 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئامېرىكا ئاۋازىغا شىركەتنىڭ ماددىي ۋە ئەمگەك تەننەرخىگە بولغان مۆلچەرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، مەبلەغنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئافغانىستان تەرەپنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلاشنى يەنە ئۈچ ئاي كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك چارلاش ئىدارىسىنىڭ 2011-يىلدىكى تەكشۈرۈش مۆلچەرىدە، ئافغانىستان ۋە تاجىكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامۇ دەريا ئويمانلىقىنىڭ خام نېفىت زاپىسى 962 مىليون باك، تەبىئىي گاز زاپىسى 5202 مىليارد 500 مىليون كۇب فۇتقا يېتىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شىركىتى بۇ يوشۇرۇن كۈچتىن پايدىلىنىش رەزىل مەقسىتىدە، بۇ يىل يەنە 22 قۇدۇق قېزىپ، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 2000 توننىدىن ئاشۇرۇپ، 15 مىڭ باكقا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1945 قېتىم كۆرۈلدى
08/02/2024 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق